ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلار

     بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۇ ئادەمنىڭ ئەتىۋارلىق بىر ئوغلى بار بولۇپ ، ئاتا-ئانا ئوغلىنى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ باقىدىكەن. كۈنلەردىن بىركۈنى بالىنىڭ دادىسى قېرىپ كۆزى قارغۇ بولۇپ قاپتۇ ،بالىسى دادىسىنى بېقىپ يۈرۈپ نىيىتى بۇزۇلۇپ <دادام ماڭا يۈك بولۇپ قالغۇدەك  مەن ئۇنى بېقىپ يۈرسەم ئۆزۈمنىڭ جېنىنى باقالمىغۇدەكمەن > دەپ ئويلاپ دادىسىنى يوقىتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپتۇ . كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ بالا چەت-ياقىدىكى بىر بۇلاقنى تېپىپتۇ. ئۇ دادىسىنى ئالداپ يۈرۈپ بۇلاق بېشىغا ئاپىرىپ بۇلاققا تاشلىۋېتىپ قايتىپ كەپتۇ .ئۇ دادىسىدىن ئايرىلىپ ئىش-ئوقەت قىلىپ يۈرۈپ ،ئاخىرى ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ ئايالى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتۈپ بىر پەرزەنت كۆرۈپتۇ ، ئۇ بالىنىڭ ئىسمى مەمەت ئىكەن . ئۇلارمۇ بالىنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىپتۇ . بالىسى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن چوڭ بىر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ . دادىسىمۇ قېرىپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ . بالىسى دادىسىنىڭ ئۆزىگە يۈك بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ ، ئاخىرى ئۇنى يوقىتىش نىيىتىگە كەپتۇ -دە ، دادىسىنى بىر كۈنى ھېلىقى بۇلاقنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ تاشلىماقچى بوپتۇ. دادىسى بۇ ئىشنى تۇيۇپ قاپتۇ .ئۇ بالىسىغا

بالام مەن چوڭ داداڭنى مۇشۇ يەرگە تاشلىغانىدىم ،مېنى تېزرەك تاشلىغىن دېگەن ئىكەن ، بالىسى <مەن قېرىغاندىمۇ كۆزۈم كۆرمەس بولۇپ قالسا ، بالام مۇشۇنداق قىلمىسۇن > دەپ ئويلاپ  ،دادىسىنى ئۆيىگە ياندۇرۇپ ئەكىتىپتۇ . دادىسىنىڭ كۆزىنى داۋالاپ ساقايتىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى بېقىپتۇ

请登录后发表评论

    没有评论内容