ئىنساننىڭ قەدىر _ قىممىتى, مەيلى ئۇ ئىنسان ياخشى ئىشنى ئاز قىلسۇن, كۆپ قىلسۇن گۈزەل ئەمەلىيىتىگە باغلىق
ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئادىمى بولۇش كىرەك, كىشى ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئۇلىنى ئەنە شۇنداق قۇرۇپ چىققان.
كىشىگە مال_دۇنيا كىرەك ئەمەس, ياخشى خۇي _ پېئىل كېرەك, شۇنداق كىشى زۆرۈر بولغاندا ھەممە ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ
ئۆزۈڭنىڭ ئېغىر يۈكىنى باشقىلارغا يۈدكۈزمە
قىلىقى سەتنىڭ خۇيى يامان بولىدۇ, ئاچچىقى ياماننىڭ قاپىقى سەت بولىدۇ, قاپىقى يامان, قىلىقى سەت قەيەرگە بارسا, بىر بالاغا گىرىپتاردۇر, ھەمىشە ئۇنىڭ دۈشمىنى غالىپ, ئۆزى مەغلۇپ بولۇپ تۇرىدۇ, دۈشمىنى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ, ئۇنىڭغا غەزىپىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ
كىشىدىن جاھاندا بىر ياخشى نام, بىر ياخشى نىشان قېلىشى لازىمدۇر
يا ياخشى بول, يا يامان ;ئىككىلىسى بولىمەن دېگەن ھامان يامان, يامان بىلەن ياخشى ئارىسىدا كۆپ پەرقتۇر, ئىككى كېمىنىڭ ئۇچىنى تۇتقان غەرقتۇر
ئىنسان قەھرلىك بولسا, ئەقلىدىن ئازىدۇ, ئەگەر غەزەپ كەلسە, پاراسەتتىن مەھرۇم بولىدۇ
ھەرقانداق تۆمۈر ئالماس بولالمىغىنىدەك ئۆزىنى ئادەم ھېسابلايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم قاتارىغا كىرەلمەيدۇ
ئادەم ئىككى نەرسە بىلەن قېرىمايدۇ, بىرى ياخشى ھەرىكەت, بىرى, ياخشى سۆز
ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئەمەس, بەلكى نامىڭ مەڭگۈ دۇر, نامىڭ مەڭگۈ بولسا, ئۆزۈڭمۇ مەڭگۈلۈك بولىسەن
没有评论内容