چىش ئاغرىش بەدەن ئىسسىغلىق ياكى سوغوغلۇقنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن كۆپرەك پەيدا بۇلىدۇ . ماددىلىق سەۋەپتىن ئاغرىيدىغان چىش ئەڭ ئاز ئۇچرايدۇ ، باشقا ئەزا شىرىكچىلىكىدە بۇلىدىغان كىسەللىكلەر چىش ئاغرىشقا مۇھىم سەۋەپ بۇلىدۇ .
قان بېسىمى ، دىئابىت ، كەم قانلىق ، نىرۋا ئاجىزلىق ، يۇقۇملۇق زۇكام نەزلىسىنىڭ نىرۋىلارغا تەسىر قىلىشى ھەم چىشنىڭ ئۈزىدىكى بەزى ئۆزگىرىش ، قۇرۇت يىيىش قاتارلىق ئامىللار چىش ئاغرىشقا بىۋاستە سەۋەپ بۇلىدۇ .
داۋالاش:
رېتسىپ : تۇز سېلىنغان ئىسسىق سۇدا ئېغىزىنى چايقىسا ، ئېغىز پۇراش ، چىش بۇشاپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىىلىدۇ .
رېتسىپ : چىش ئاغرىپ كەتكەندە ، بىر ئاز ئاش تۇزىنى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ ، توختىماي ئۇلاپ بەرسە ، ئون نەچچە مىنىۇتتىن كىيىن ئاغرىقى توختايدۇ .
رېتسىپ : پاختىنى سۇ يېغىغا چىلاپ ، ئاغرىق چىشنىڭ ئۈستىگە قويسا ئاغرىق دەررھال توختايدۇ .
رتسىپ : توغىرىغىنىڭ كىرىستال ھالەتتىكى قىسىمىنى ئېلىپ قۇرۇت يىگەن چىشنىڭ كامىرىغا سالسا ، ئاغرىق دەرھال توختايدۇ .
رېتسىپ : كۈشتە قىلىنغان بۇغا مۇڭگۈزى تالقىنىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ ، سىركە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئاغزىنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىغا مۇۋاپىق ھالدا سېركە ئارلاشتۇرۇپ ، چىشقا سۈركىسە ، سوغوقتىن بولغان چىش ئاغرىقى ياكى قاماپ قالغان چىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ :كالا يېغىنى ئىلمان ھالدا ئېغىزغا سالسا ، نىرۋا خاراكتىرلىق چىش ئاغرىقى ئۈچۈن شىپا قىلىدۇ .
رېتسىپ : قىزىلمۇچتىن بىر تالنى ئوتقا قاقلاپ قىزىتقاندىن كىيىن ،ئاغرىقى چىشنىڭ ئۈستىگە قويسا ، ئاغرىق توختايدۇ .
رېتسىپ : ئاقمۇچ بىلەن قارىمۇچتىن بىر تالدىن ئېلىپ بىللە ئىزىپ قۇرۇت يىگەن چىشنىڭ كامىرىغا سالسا ، ئاغرىق دەرھال توختايدۇ .
رېتسىپ :چىش بەك ئاغرىپ كەتكەندە ، بارماق بىلەن قۇلاق سۇپۇرىسىنى يۇمشاق ئۇلاپ بەرسە ، ئاغرىق توختايدۇ .
رېتسىپ : سامساقنى چاۋا ياغ بىلەن پىشۇرۇپ چىش تۈۋىگە قويسا چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
رېتسىپ : شاپتۇلنىڭ يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىلمان ھالەتتە قۇرۇت يىگەن چىشقا تېمىتسا ، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : پىيازنىڭ يۇپۇرمىقىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ، تۈتۈنىدە قۇرۇت يىگەن چىشنى بۇسلىسا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ .
رېتسىپ : سامساقنى ئىزىپ چىقىرىلغان سۈيىدە پاختىنى يۆلدەپ چىش تۈۋىگە باسسا ، چىش ئاغرىقىنى توختاتقىلى بۇلىدۇ .
رېتسىپ : ئاغرىغان چىشقا كەپتەر باچكىسىنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ .
رېتسىپ : ئانار ئۈرۈقىنى قورۇپ ، يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ ، سۇفۇف تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا ، چىش تۈۈۋى بۇشاپ كىتىش كىسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : قۇرۇت يىگەن چىش ئاغرىغاندا قىزىلمۇچتىن بىر تالنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ ، كۆپكەندىن كىيىن سەل سۇۋۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا باسسا ، ئاغرىق توختايدۇ . ئەگەر بىر قېتىم توختىمىسا ، يەنە بىر قېتىم بېسىش كېرەك . ۋاقىتى بەش مىنۇت بولسا كۇپايە .
رېتسىپ : چىش ئاغرىغاندا ، چىشنىڭ قۇرۇت يىگەن يېرىنى پاكىز تازىلاپ ، سۇقۇلغان سامساقنى بىر ئاز تىقىپ قويسا ئاغرىقنى توختىتىدۇ .
رېتسىپ : ئەگەر ئاچچىق – چۈچۈك مىۋىلەرنى يىگەنلىك سەۋەپلىك چىش قاماپ قالسا ، خام سامساقنى چاينىسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : پىيازنىڭ سۈيىدىن پاختىغا تېمىتىپ ، چىشقا تەگكۈزسە ئاغرىغان چىش توختايدۇ .
رېتسىپ : خام قاپاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى غار – غار قىلسا ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : قاپاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە گۈل يېغى قۇشۇپ چىشقا تېمىتىلسا ، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : چامغۇر يۇپۇرمىقى سۈيىدە چىشنى يۇيۇپ بەرسە ، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : چامغۇر شىرنىسىنى بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە باش ۋە چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : شوخلىنى مىۋە ئورنىدا ئۇدا ئىككى ھەپتە يەپ بەرسە ، چىش قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسىپ : پىننى چايناپ بەرسە ، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ .
رېتسىپ : مۇز پارچىسىنى ئاغرىغان چىشنىڭ يۇز قىسىمىنىڭ مۇسكۇلىغا سۈركەپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
رېتسىپ : كاۋاۋىچىندىن 15 گىرام ، ئاچچىقسۇدىن 60 مىللىلىتىر ئېلىپ ، ئىككىسىنى ئون مىنىۇت قاينىتىپ ، تىرىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ ، سۈيى ئىلمان بولغان ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىشنىڭ ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ .
رېتسىپ : 100 گىرام ھەسەلگە ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمىنى چېقىپ ، ئازراق قايناقسۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ ، ئۇنى بىر مەزگىل ھەر كۈنى ئەتىگەاندە ئىچىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى ساقىيىپ كىتىدۇ .
رېتسىپ : ئۈرۈك مېغىزىنى سۇقۇپ ، سىركە بىلەن ، ئېغىزغا ئېلىپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى ساقيىدۇ .
پەرھىز :
1 – . تەستە ھەزىم بۇلىدىغان ، غىدىقلىغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى ، يىمەك – ئىچمەكلەردىن پەرز قىلىندۇ .
2- . ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان ، سىڭىشلىك ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەك – ئىچمەك ۋە مىۋە چىۋىلەر بىرلىدۇ . تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن كىلىپ چىققان بولسا ، ھۆل سوغوق تەبىئەتتىكى يىمەك – ئىچمەك ۋە مىۋە – چىۋىلەردىن شويلا ، قېتىق ، كەكلىك گۆشى ، تۇرۇپ ، يېسۋىلەك ، ئانار ، قۇغۇن ، ئەينۇلا قاتارلىقلانى بىرش كىرەك .
3 – . چىشنى خالىغانچە تارتقۇزماسلىق ، چىشقا خالىغانچە دورا تېمىتماسلىق ، تاماقلارنى بەك قىزىق ياكى سوغوق يىمەسلىك ، چىش ئارلىقىغا كىرىپ قالغان نەرسىلەرنى پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن كوچىلاپ ئالماسلىق ، تىل بىلەن چىشنى يالىماسلىق كېرەك .
4 – . ئېغىز تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ، پاكىز سۇ بىلەن ئېغىز چايقاش ، چىش ئارلىقىغا كىرىپ قالغان نەرسىلەرنى ۋاقىتى – ۋاقىتىدا پاكىز نەرسىلەر بىلەن ئېلۋىتىش . تاماقلارنى ئىلمانراق ئىستىمال قىلىش ، چىشقا سۈركەيدىغان ، چاپلايدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ ، مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن پاكىز سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقىۋىتىش كېرەك .
مەنبە : ئائىلىدىكى رېتسىپلار نامىلىق كىتاپتىن .
没有评论内容