ئون ھېكمەتلىك سۆز

گېرمانلار قاتتىق رىئايە قىلىدىغان ئون ھېكمەتلىك سۆز

 بىر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى قوشۇش قائىدىسى بويىچە ئۈنۈم بېرىدۇ؛ بىر كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىقى بولسا كۆپەيتىش قائىدىسى بويىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئىزىغا دەسسەپ ماڭغان ئادەمنىڭ باشقىلاردىن ھالقىپ ئۆتەلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس.

 ئەگەر ئۆزۈڭنىڭ پۇتىدا يەتكۈچە قاداقلار بولمىسا باشقىلار بىلەن ھەرگىز ئېتىشما.

 تۇرمۇش ئاچچىقمۇ بولىدۇ، تاتلىقمۇ بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر.

 باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىشمۇ بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت.

 ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشقاندىلا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

 بىزنىڭ ۋاقتىمىز تولىمۇ قىس ئەمەس، ئەكسىچە بىزنىڭ ئىشلەتمەي ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان ۋاقتىمىز تولىمۇ كۆپ.

 بىر ئىشنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرمەكچى بولساڭ، كۆرۈش نۇقتاڭنى ئۆزگەرتسەڭلا كۇپايە.

 كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىمىز-يۇ، ئەمما شۇ ئىشنى قىلمايمىز

 تەسەۋۋۇر دۇنياسىدىكى گىگانتلار كۆپىنچە ھەرىكەت دۇنياسىدىكى پاكارلاردۇر.

请登录后发表评论

    没有评论内容