ئىبرەتلىك ھىكايە:قۇرۇق ھارۋىنىڭ ئاۋازى

ھەممەيلەنگە قاتتىق ئىبرەت بولىدىغان ئىسىل ھىكايەت-

بىر كۈنى جېك دادىسى بىلەن ئورمانلىقنى ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ، ھەمدە ھەرخىل قۇشقاچلار سايرىشىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقاندا دادىسى;

-قۇشقاچلارنىڭ ۋىچىرلىشىدىن باشقا يەنە نېمە ئاڭلىدىڭ ؟ – دەپ ئورماننىڭ قاق ئوتتۇرسىدا توختاپتۇ.

جېك ئىنىچكىلىك بىلەن تىڭشاپ بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن :

-ھارۋىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ،- دەپتۇ .

-توغرا ، بىر قۇرۇق ھارۋا ،- دەپتۇ دادىسى تەستىقلاپ .

-كۆرمەي تۇرۇپ ، ئۇنىڭ قۇرۇق ھارۋا ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز دادا ،- دەپتۇ ئوغلى ھەيران بۇلۇپ .

-ئاۋازىنىڭ يەڭگىللىكىدىنلا ئۇنىڭ قۇرۇق ھارۋىلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس . قۇرۇق ھارۋا ھەممىدىن بەك تاراقشىيدۇ .

جېك چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ قىيىنچىلىق ، قوپاللىق ، مۈشكۈلچىلىككە ئۇچۇرغاندىمۇ ئىزچىل دادىسىنىڭ شۇ گىپىنى ئەستىن چىقارماي كەلدى :<<قۇرۇق ھارۋا ھەممىدىن بەك تاراقشىيدۇ >> ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىدى..

نادانلار ھەر يەردە ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىز ئەپتىبەشىرسىنى ئاشكارلاپ تۇرىدۇ ، ئاقىللار ئۆز ئىلىمىنى دائىم يۇشۇرىدۇ.

ئون دانانى قاقشىتىشقا بولۇدىكى بىر ناداننىڭ چىشىغا تىگىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن قورققانلىق سەۋەبى ئەمەس بەلكى نادان تەتۈر ساراڭلىقىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈ، ئىسىڭىزدە بولسۇن يېرىم چىلەك سۇ بەكرەك شالاقشىيدۇ ھەمدە سىزنى كۆل قىلىۋېتىدۇ..

ئۆزىڭىز ۋە ئۆزگىنى چۈشنۈڭ بەزى كىشىلەر بىلەن تەڭ بۇلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ،

ئىشەككە «ساماندىن بىدە ياخشى» دەپ چۈشەندۈرۈپ ئاۋارە بولماي، ئۆزىڭىزگە ئىشەك زوقىغا ئارلاشماسلىقنى ئۆگىتىڭ…

请登录后发表评论

    没有评论内容