ئىبرەتلىك ھىكايە:ئاچچىقى يامان يىگىت

ئاچچىقى يامان بىر قوپال ئوغۇل بار ئىكەن . بىر كۈنى ئاتىسى ئۇنىڭغا بىر خالتا مىخ بېرىپ ھەرقېتىم ئاچچىقى كەلگەندە ھويلىدىكى ياغاچ رىشاتكىغا بىرتال مىخ قېقىشنى بۇيرۇپتۇ . تۇنجى كۈنى ئۇ بالا بۇ رىشاتكىغا 37 تال مىق قېقىپتۇ ، بارا – بارا ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنىڭ ياغاچقا مىخ قېقىشتىن خېلىلا ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ – دە ، رىشاتكىغا قاقىدىغان مىقنىڭ سانىنىمۇ ئازايتىشقا باشلاپتۇ . ئاخىرى بالا ئۆزىنى بېسىۋېلىشنى ئۆگىنىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن رىشاتكىغا مىخ قاقمايدىغان بوپتۇ . ئۇ بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپ ئۆز غەلبىسىنى ئاتىسىغا دەپتۇ . ئاتىسى ئۇنى يەنە ئاچچىقى كەلگەندە قېقىلغان مىقلارنى يۇلۇشقا بۇيرۇپتۇ ، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپتۇ . بىركۈنى ئوغۇل ئاتىسىغا ھەممە مىخلارنى يۇلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ، ئاتىسى ئۇنى يىتىلگىنىچە ھېلىقى رىشاتكىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەپتۇ – دە ، ئوغلىغا : مەن تاپشۇرغان ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاپسەن ئوغلۇم ، بىراق بۇ تۆشۈكلەرگە قارا ، ئۇ ئەمدى مەڭگۈ ئەسلى ھالىتىگە قايتالمايدۇ . ئاچچىقلانغاندا ئېيتقان سۆزلەرمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى شۇنداق زېدە قىلىدۇ – دەپتۇ .

بۇ ھىكايىنى ئۆزىڭىز تونۇيدىغان ھەممە ئادەمگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ ، ئالەم مىھرى – مۇھەببەتكە تولسۇن…

请登录后发表评论

    没有评论内容