ئانا تىلنى ئىگەللەش

ئانا تىلنى ئىگىلەش ھەرگىزمۇ ئاسان جەريان ئەمەس. مەسىلەن، “سۇ” دېگەن سۆزنى ئەستەتۇتۇش ئۈچۈن ئېقىۋاتقان سۇ، كۆلدىكى سۇ، يامغۇر سۈيى، ئىستاكاندىكى سۇ، مۇنچىدىكى سۇ دېگەندەك ھەر خىل مۇھىتتىكى “سۇ” لار بىلەن ئەمەلىي ئۇچراشمىسابولمايدۇ. مۇشۇ كەچمىش ئارقىلىق بالىدا “مۇشۇنداق نەرسە سۇدېيىلىدىكەندە” دېگەن پەرەز شەكىللىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ ئۆز پەرىزىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇشۇنداق مەشغۇلاتنى تەكرارئېلىپ بېرىش ئارقىلىق “سۇ” دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش دائىرسىنى بېكىتىدۇ.

ئانا تىلىنى”كۈندىلىك دىئالوگ ئېلىپ بارالىسىلا، مۇشۇ جەرياندا تەبىئىي ئۆگىنىپ كېتىدۇ” دەپ ئويلاش خەتەرلىك. بالىغا ئانا تىل تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقامۇۋاپىق كېلىدىغان ياش ۋە مەزگىل بولىدۇ. ئاشۇ ياخشى پۇرسەت كېتىپ قالسا، ئانا تىل تەربىيەسى ئاتا – ئانا ۋە بالىدا زور ئىنېرگىيە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندە ئانا تىل تەربىيەسىگە ماس كېلىدىغان ياش ۋە مەزگىل ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.

请登录后发表评论

    没有评论内容